2009-02-02

ئايلىق ئاخشام

ياپراقلارنىڭ ئۇچىدا قاتقان كۆلەڭگە.
يۇلتۇزلارنىڭ چاقنىشى تەڭگە.
يالغۇزلۇق. جىمجىت، لۆممىدە
يەتتى كېچە.

ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئولۇغ قاغان
ئوۋغا چىقىپ بىر كۈنى
ئۆلۈپ قالدى تاغ تۈۋىدە
تاش قالدى.


ئاي تولۇپ 15كۈن كېيىن
تويۇقسىز.... ئەلقىسسە:
-ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار، ئەتە شاھقا نەزىر..!!
ھەي، بەندە....


مەختۇمسۇلا قېرىماستىنلا
ئۆلۈپ كەتتى بالا دەردىدە.
سادىر پالۋان نەدە ياتقاندۇ؟
باتۇرلىقى ئۇچسىمۇ كۆكتە.



ئون بەش كۈندە تولىدۇ بىر ئاي
ھىممەتتە.


ئاي تولغاندەك پەيمانىمىز تولىدۇ
مۇددەتتە.

چىن شىخۇاڭنىڭ غەلبىسى

Qin shihuangچىن شىخۇاڭ(秦始皇) مىلادىدىن ئىلگىرى 259-مىلادىدىن ئىلگىرى 210- يىللاردا ياشىغان. جۇڭگۇدا تۇنجى بىرلىككە كەلگەن فېئوداللىق دۆلەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن چىن سۇلاسىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئەسلى ئىسمى يىڭ جېڭ(赢政)، ئون ئۈچ يېشىدا چىن بەگلىگىنىڭ بەگلىك ئورنىغا چىققان، 39 يېشىدا دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تاماملاپ،ئۆزىنى پادىشاھ (皇帝) دەپ ئاتىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ جۇڭگۇ تارىخىدىكى خانلار ئۆزىنى پادىشاھ (皇帝) دەپ ئاتايدىغان بولغان. [皇帝دېگەن گەپ خەنزۇ رېۋايەتلىرىدىكى قەدىمكى ئادىل ھۆكۈمدارلار دەپ تەرىپلىنىدىغان 三皇五帝دېگەن ئىبارىدىن ئېلىنغان بولۇپ، چىن شىخۇاڭ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى ئاشۇ ھۆكۈمدارلاردىن ئېشىپ كەتتى دەپ قاراپ، ئۆزىنى 皇帝 دەپ ئاتىغان.]

چىن شىخۇاڭ قۇرغان چىن سۇلالىسى پەقەت ئىككى ئەۋلاتلا ھۆكۈم سۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ پۈتكۈل جۇڭگۇ تارىخىدا تۇتقان رولى تولىمۇ مۇھىم. گەرچە ئۇ بىر مۇنچە ئادەم قېلىپىدىن چىققان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا قوشقان تۆھپىسى بار. بولۇپمۇ، ئۇ بەرپا قىلغان بىر مۇنچە تۈزۈملەر چىن سۇلاسىسىدىن كېيىنكى خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن ئۆرنەك قىلىنىپ، پۈتكۈل جۇڭگۇ فېئوداللىق دۆلەت تارىخىنىڭ مەركىزىي تۈزۈمى بولۇپ قالدى. شۇ مەنىدىن چىن شىخۇاڭ بىر غالبىيەتچىدۇر.

چىن شىخۇاڭنىڭ غەلبىسى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئىقلىمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تارقاق ھالەتتىكى ئۇششاق بەگلىكلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن، ھوقۇق مەزكەرگە مەركەزلەشكەن دۆلەت قۇرۇپ چىققانلىقتىن ئىبارەت. كونكىرىت ئېيتساق، ئۇنىڭ تۆھپىسى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ:


  1. يېزىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش. ئەينى ۋاقىتتا يەتتە بەگلىكتە يەتتە خىل يېزىق ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، چىن شىخۇاڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن ئاۋۋال يېزىقنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. بۇ يېزىق ھازىر ئىشىلىتىلىۋاتقان خەنزۇ يېزىقىنىڭ ئاساسى بولۇپ، يېزىقنىڭ بىرلىككە كېلىشى ئاۋۋال تىلىنى قېلىپلىشىغا، ئۇندىن ئۆتۈپ مىللەتنىڭ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۇيۇشىشىغا بىۋاستە تۈرتكە بولدى.

  2. .سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ناھىيە-ئايماق تۈزۈمىنى دەسسىتىش. بۇ چىن شىخۇاڭنىڭ ئەڭ مۇھىم تۆھپىسى سۇيۇرغاللىق دېگىنىمىز، پادىشاھ ئوغۇللىرىغا، ئاكا-ئىنىلىرىگە ۋە باشقا ئەر تۇغقانلىرىغا، شۇنداقلا تۆھپە كۆرسەتكەن ئەمەلدارلارغا دۆلەت تەۋەلىكىدىكى مەلۇم زىمىننى ئەبەدىي بەخشەندە قىلىپ بېرىدىغان، مەزكۇر زېمىنغا ئېرىشكەنلەر ئۆز زېمىنىغا قارىتا مۇتلەق ھۇقۇقلۇق بولۇپ، پادىشاھقا ياردەملىشىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشتىن باشقا ھېچقانداق مەجبۇرىيەت ئۆتىمەيدىغان ھەمدە بۇ خىل سۇيۇرغال زېمىنغا ئېگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى مىراس بولۇپ قالىدىغان بىر خىل تۈزۈمنى كۆرسىتىدۇ. .
    چىن شىخۇاڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، جۇ سۇلالىسىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ، كۆپ قارشىلىقلارغا پىسەنت قىلىپ قويماي، سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ناھىيە-ئايماق تۈزۈمىنى تەسسىس قىلدى. ناھىيە- ئايماق تۈزۈمى دېگەندە دۆلەتنى بىر قانچە ئايماق- ناھىيىلەرگە بۆلۈپ ئىدارە قىلىدىغان، ناھىيە ۋە ئايماقنىڭ باشلىقلىرى بىۋاستە مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەيىنلىنىدىغان ۋە پۈتۈنلەي مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىغان تۈزۈمنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل تۈزۈم بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ھوقۇقىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، پادىشاھنىڭ ھوقۇقىنى مىسلىسىز كۈچەيتتى. شۇندىن باشلاپ ناھىيە-ئايماق تۈزۈمى ھەر قايسى سۇلالىلەرنىڭ ئاساسلىق ئىدارە شەكلىگە ئايلىنىپ، جۇڭگۇنىڭ ھازىرقى تېررىتورىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە زور رول ئوينىدى. گەپ: سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى جۇ سۇلالىسى ۋاقتىدا ئورنىتىلغان بولۇپ، جۇ سۇلالىسنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە ھەر قايسى سۇيۇرغاللارنىڭ ھوقۇقى كۈچىيىپ مەركىزىي ھۆكۈمەت قۇرۇق جازىغا ئايلىنىپ قالغان. ئەمىنىيە ۋە يىغىلىق دەۋرىدىكى ھەرقايسى بەگلىكلەر ئەمەلىيەتتە جۇ سۇلالىسىگە قاراشلىق بەگلىكلەر ئىدى، چىن سۇلالىسىنى ئەسلى گەۋدىىسى بولغان چىن بەگلىگىنىڭ ئۆزىمۇ جۇ سۇلالىسىنىڭ بىر سۇيۇرغاللىقى ئىدى!
    سۇيۇرغاللىق بۆلۈنۈشكە سەۋەب بولىدۇ، چۈنكى سۇيۇرغاللىقنىڭ ئاساسىي قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ، دەۋرلەر ئۆتكەنچە بۇ خىل مۇناسىۋەت سۇسلايدۇ. مەسلەن، ئەمەت پادىشاھ بولۇپ، ئۇ زېمىننى ئوغۇللىرى سەمەت ۋە مەمەتكە سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن بولسا، ئەمەت ھايات ۋاقتىدا سەمەت ۋە مەمەت ئۆزئار ياخشى ئۆتىشىدۇ، ۋە بەلكىم كېيىنمۇ ياخشى ئۆتۈشى مۇمكىن، بىراق سەمەت ۋە مەمەت ئۆز سۇيۇرغال يېرىنى يەنە ئوغۇللىرىغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەندە ۋە مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرگەندە بىر پۈتۈن زېمىن ئاخىرقى ھېسابتا پارچىلىنىپ كېتىدۇ. تارىختا مىسال كۆپ، ھونلارنىڭ بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈپ كېتىشى، قاراخانىيلارنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ ئۆز ئارا ئۇرۇش قىلغانلىقى، بىر پۈتۈن مۇڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەتتا بۇ تۈزۈمنى بەرپا قىلغان جۇ سۇلالىسىنىڭ ئۆزىمۇ بۇنىڭ ياخشى مىسالى. ئوتتۇر ئاسىيادىكى توختىماس نىزا- ئۇرۇشنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ.
  3. پۇل ۋە ئۆلچەم بىرلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش. پۇل ۋە ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلىشى پۈتكۈل دۆلەت زېمىنىنى بىرلىككە كەلگەن بازارغا ئايلاندۇردى، بۇ سودا ۋە ئالاقىنى مىسلىسز يۈكسەلدۇردى.

پايدىلىنىلغان ماتېرىياللار: http://baike.baidu.com/view/2389.htm

BlogBus تا ئىنكاسقا تەگلىك قوشۇش

بۇ يازما تەكلىماكان بلوگدىكى بۇ يازما ئاساسىدا يېزىلدى.
بۈگۈن قارىسام تەكلىماكان بلوگنىڭ ئىنكاس ئورنى چىرايلىق بولۇپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بلوگباستىمۇ شۇنداق قىلغىلى بولارمۇ دەپ ئىزدەندىم، قىلغىلى بولدى، تەس ئەمەس ئىكەن. ھازىر سىزگىمۇ دەپ بەرمەكچى، دىققەت بىلەن ئاڭلاڭ:

ئۇسلۇب تەھرىرلەش بېتىنى ئېچىپ، ئۇنىڭدىن CSS نى تەھرىرلەشنى تاللاڭ. كود ئارىسىدىن تۆۋەندىكى كودنى ئىزدەڭ:

#comments .cmtBody { }

ئىككى تىرناق ئارىسىغا تۆۋەندىكى كودنى چاپلاڭ:


#comments .cmtBody { } margin:0 0 .75em;
padding: 10px 10px 10px 20px;
background: #f3a64c url(http://koklem.kok.googlepages.com/bg.gif) no-repeat right bottom;

ئاۋۇ قىزىل بوياپ قويغان كود رەسىم ئادرىسى، باشقا رەسىمنى ئالماشتۇرۇپ قويسىڭىز، ياكى بۇ كودتىكى ئالاقىدار پارامېتىرلارنى ئۆزگەرتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
تۆۋەندىكىسى تەگلىك قوشۇلغاندىن كېيىنكى نەتىجە:

Blogbus ئىنكاسقا جاۋاب قايتۇرۇش رامكىسىغا تەگلىك قوشۇش

ئالدىنقى يازمىمىزدا ئىنكاس رامكىسىغا تەگلىك قوشۇشنى سۆزلىگەن ئىدۇق، بۈگۈن ئىنكاسقا جاۋاب قايتۇرۇش رامكىسىغا تەگلىك قوشۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز
ئۇسلۇب تەھرىرلەش بېتىدىن CSS نى تەھرىرلەش نى تاللاپ كود ئارىسىدىن تۆۋەندىكى كودنى ئىزدەپ تاپىمىز:

#comments .reCmtBody { }


ئادنى كېيىن قوش تىرناق ئىچىگە تۆۋەندىكى كودنى چاپلايمىز:


margin:.75em;
padding: 10px 10px 10px 15px;
background: Rgb(0,128,255) url(http://koklem.googlepages.com/Re_tag.JPG) no-repeat right top;



دىققەت: بەزى ئۇسلۇبلاردا يۇقىرىقى قوش تىرناق ئىچىدە كودلار بولۇشى مۇمكىن، ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا، تىرناق ئىچىدىكى كودنى يۇقىرىدىكى كودقا ئالماشتۇرۇڭ.
نەتىجە:


ئاۋۇ قىزىل رەڭلىك رەسىم ئادرىسى مەن ئىشلەتكەن رەسىم، سىز رەسىم ئادرىسىنى ئۆرگەرتىۋالسىڭىز بولىدۇ.


مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتىسىڭىز مەنبەسىنى چوقۇم ئەسكەرتىڭ!

كۆكلەمدىن تۇنجى يۇمتال


شىنجاڭ پروگرامما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىدىكى مايوئەپەندى ئىشلىگەن ئۇيغۇرچە فونت يوق كومپيوتېرلارغاUKIJ Tuz Tom فونتىنى قاچىلايدىغان ۋە ئۇيغۇرچە خەتلەرنى سىلىقلايدىغان چىرايلىق فونت 1.2 ھازىر نۇرغۇنلىغان تور بەت ۋە بلوگلار تەرىپىدىن ئىشلىتلىپ كەلمەكتە. پېقىر بىر پروگرامما تۈزەشكە قىزىقىپ ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىۋاتقان ھەۋەسكار. قىزىقىش تۈرتكىسىدە Nice Font قا تەقلىدلەپ،بۇ ئاددىي يۇمتالنى ياساپ باقتىم. ۋە سىناش ئۈچۈن تارقاتماقچى

ئالاقىدار ئۇچۇرلار:


ياساشقا ئىشلىتىلگەن دېتال:Microsoft visual basic 6.0
ھۆججەت چوڭلىقى:520 KB
ئىقتىدارى: كومپيۇتېرنىڭ Fonts مۇندەرىجىسىگە UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىنى ئاپتۇماتىك قاچىلايدۇ
مەركۇز دېتال قاچىلايدىغان فونتنىڭ خاسلىقى:(رەسىمگە قاراڭ)


بۇ دېتالنى ياساشتا، توردىكى ھەقىسز كودلاردىن يەتكۈچە پايدىلاندىم. لېكىن ئۆزۈم قول سالغان يەرلەرمۇ خېلى بار.
مەن بىر ھەۋەسكار بولغانلىقىم سەۋەبلىك بەزىبىر مەسىلىلەر ساقلانغان بولىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇستىلارنىڭ ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پىكىر دېگەننى ئايىماي بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن!
ئاخىرقى ئەسكەرتىش: بۇ دېتالنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى كۆكلەم بلوگىدىكى كۆككە مەنسۇپ! بۇ دېتال ھەقسىز دېتال بولۇپ، ئىشلىتىش جەريانىدا ئىشلەتكۈچىگە ھەرقانداق زىيان ئېلىپ كەلسە، ئاپتۇر بىردەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ!

چۈشۈرۈپ سىناش

ئەسلى كودنى كۆرۈپ باقايچۇ؟


2009-01-21

باھارنى كۈتۈش

چىراقلارنىڭ ئاستىدا لەرزان كوچا
ھەم شامال چىققان بولۇشى مۇمكىن.
كېلىپ قالدى ۋاقىت قىشنىڭ قۇيرۇقىغا
باھار كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ دەرەخ تەمكىن.

قار دەسسىگەن غاچىلداشلار پەيزى ئىدى!
چىم دەسسەشنىڭ ھاياجىنى ئاشتى ئەمما.
جۇۋىلاردىن بوشانماقتا قىش كۈنلىرى
باھارنى دەپ جانغا كىردى تۇپراق، ھاۋا.

قاپىيىلەر دەسسەپ كەتتى ئالمان- تالمان
تۇراق نەدە؟ مىسرالىرىم سەپ سالمايلا.
قىش كىرگەندە ئامان ئىدۇق، تۇردۇق ئامان،
(شۈكرى ئاللاھ، شۈكرى ئاللاھ، ئىنشائاللاھ!)
باھاركۈتۈپ تۇرماقتىمىز بوسۇغىدا.