تاللانغان تۈردىكى يازمىلار كۆرسىتىلدى، بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
显示标签为“Uningdin-buningdin”的博文。显示所有博文

2009-03-09

كۆكلەم بلوگىنىڭ فونتى ھەققىدە

فونت ھەققىدىكى چۈشەنچەم شەكىللەنگىلى ئوزۇن بولمىدى. بىرەر يىلنىڭ ئالدىدا بلوگ يازىمەن دەپ ئىزدەپ، سوراپ، سىناپ.... بىلمىگەن بولسام، فونت ( خەت نۇسقىسى) ھەققىدىكى ساۋاتىم يوق ئىدى، ئۇ پەقەت بىر رەسىم، ئىككىلىك سېستىما بىلەن ساقلانغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىشكە ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە رەسىم دەپ ئويلايتىم. ئۇنىڭ كودى، يۇنىكود ئەلەي- بەلەيلەرنى بىلمەيتىم.
بىر كۈنى مەن ياتاقتىكى كومپيۇتېردا ئەلپىدا 2.0 نى ئىشلىتىپ ئۇرغان doc ھۆججىتىنى باشقا بىر كومپيۇتېردا كۆرمەكچى بولۇپ ئوقۇيالماي قالدىم، بىلىدىغانلاردىن سورىسام، بۇ خەت نۇسقىسىنىڭ مەسلىسى ئىمىش، ھە شۇنداقكەن-دە! دېدىم ۋە شۇندىن كېيىن ھەرقانداق بىر ھۆججەتنى فونت بىلەن بىللە ساقلاپ ئېلىپ يۈردۇم. يەنە بىر كۈنى خەنزۇچە ئۇرۇلغان بىر ھۆججەتنى بېسىپ چىقىرىدىغان ۋاقىتتا مەن ئىشلەتكەن خەت نۇسقىسىنىڭ دۇكاندىكى كومپيۇتېردا يوقلىقىنى، لېكىن خەتلەرنىڭ يەنىلا نورمال( ئوقۇغىلى بولىدىغان) كۆرۈنىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدىم!! نېمە ئىش بۇ؟! ئۇيغۇرچە بىر خىل فونتتىكى تېكىست يەنە بىر فونتتا نورمال كۆرۈنمەيتىغۇ؟؟
شۇ چاغدا مەن كومپيۇتېردىكى فونتلارنىڭ مەلۇم پىرىنسىپ بويىچە تونۇلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، يەنى مەلۇم بىر كودقا ماس ھەرپ ھەر خىل فونتلاردا ئوخشاش بولمىسا ئۇيغۇرچە فونت ھادىسىسى كۆرۈلىدىكەن، ئەكسىچە بولغاندا خەنزۇچە فونتتەك نورمال بولىدىكەن.ئىش مۇشۇنداق باشلاندى. شۇنداق تېڭىرقاپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بېرىدە، ئەڭ دەسلەپ بىلىك كۇلۇبىدا يۇنىكود ھەققىدىكى تېمىلارنى ئۇقۇدۇم. چۈشەنچەم ئايدىڭلاشقاندەك بولدى. لېكىن 2 ئاي بۇرۇنراق يەنە بىر مەسىلە كۆرۈلدى.
بۇ مەسىلىنى شۇ كۈنىلا بىلىك كۇلۇبىغا يوللاپ قويدۇم بۇ تېمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ بۇ تېمىدا ئېيتىلغاندەك، ئۇيغۇرچە فونتلاردا، بولۇپمۇ مەن چىراينى ئەڭ ياقتۇرىدىغان UKIJ Tuz Tom فونتى ئەرەبچە ھەرپلەرنى نورمال كۆرسىتەلمىدى. بۇ بلوگىمنىڭ فونتىنى ئۆزگەرتىۋېتىش لازىملىقىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلدى. شۇ سەۋەب يۇقارقى تېمىدىكى نەتىجە ئاساسىدا، UKIJ Nasq فونتىنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقتىم، تازا چىرايلىق ئەمەس ئىكەن، ئۇنى- بۇنى قىلىپ بېقىپ ئاخىرى UKIJ Tuz Basma فونتىنى ئىشلەتتىم. بۇ فونت ھەم چىرايلىق(راق)، ھەم ئۆلچەملىك(رەك) ئىكەن.
ناۋادا بلوگدىكى خەتلەر نورمال كۆرۈنمىسە بۇ يەردىن فونت قاچىلىغۇچنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلۋېتىڭ ياكى ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى خەت نۇسخسىنى قاچىلاڭ دېگەن رەسىمنى چېكىپ فونت قاچىلىغۇچىنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلىڭ.
شۇنچە ئۇزۇن گەپ مۇشۇ يەردە تۈگەيدۇ.

2009-02-13

خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى

1999.يىلى نويابىر، ب د ت مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي چوڭ يىغىنىدا : «2000.يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 21.فېۋرال كۈنى International خەلقئارالىق ئانا تىل خاتىرە كۈنى (International Mother Language Day) قىلىپ بېكىتىلىدۇ. » دەپ ئېلان قىلىندى. تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىللىك ۋە شەكلىسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان ھەمدە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئەپۇچانلىق ئاساسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ
مەزكۇر يازما ئانا تىلىم تور تۇراسىدىن ئېلىندى.

2009-02-02

Googleنىڭ جېنى-----Page rank تېخنىكىسى

Google قۇرۇلغان قىسقىغىنە بىر قانچە يىل ئىچىدىلا يەرشارىدىكى ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئىزدەش تورىغا ئايلىنالىدى، بۇنىڭ سەۋەبى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ خۇددىي موللاتاپقاقتەك سىز ئىزدىمەكچى بولغان نەرسىنى دەل تاپالىشىدا؛ تىگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ Google ئىشلەتكەن Page Rank تېخنىكىسىنىڭ تۆھپىسى.
Googleدىن بۇرۇنقى ئىزدەش ماتورلىرى ئىزدەش ئېلىپ بارغاندا، ھەر بىر توربەتنى ئايرىم بىر ئوبېيكىت دەپ قاراپ، ھالىقىلىق سۆز بىلەن توربەت مەزمۇنىنى سېلىشتۇرۇپ، ماس كېلىش دەرىجىسىگە قاراپ تۇرۇپ رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقاتتى. بۇنداق بولغاندا تور بەتلەر ئىزدەلگەن سۆز بىلەن ماس كېلىپ قالغان بولغاچقىلا، ھېچقانداق پايدىلىنىش قىممىتى بولمىسىمۇ ئالدىنقى رەتكە چىقىپ قالاتتى. بۇنىڭ بىلە ن ئىزدىگۈچىلەر ئۆزىگە لازىملىق نەرسىنى بىر نەچچە بەت ئۆرىگەندىن كېيىن ئاندىن تاپالايتى. Google نىڭ قۇرغۇچىلىرى لاررىي پېيج(Larry Page)بىلەن سېرگىي بىرىن(Sergey Brin) بۇنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپتى. يەنى ئۇلار تور بەتنى رەتكە تىزغاندا مۇشۇ تور بەتنىڭ باشقا توربەت تەرىپىدن قىلىنغان ئۇلىنىش سانىغا قاراپ تور بەتنىڭ مۇھىملىقىنى بېكىتىپ، تور بەتنى شۇنىڭغا ئاساسەن رەتكە تىزدى. بۇ خۇددىي يۈز ئادەم پالانى راست سۆزلەيدۇ دېگەن ئادەمنىڭ مەن راست سۆزلەيمەن دەپ يۈز قېتىم يېزىۋالغان ئادەمگە قارىغاندا بەكرەك راست سۆزلەيدىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىگە ئوخشايدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە مۇھىمراق بەتلەردە قىلغان ئۇلىنىشنىڭ مۇھىملىقى يۇقىرىراق بولىدۇ، يەنى سىزنىڭ تور بېتىڭىز Google مۇھىم دەپ ھۆكۈم چىقارغان بەتلەردە ئۇلىنىش قىلىنغان بولسا، سىزنىڭ بېتىڭىزنىڭ مۇھىملىقىغا بېرىلگەن نومۇر ئادەتتىكى بىر بەت ئۇلىنىش قىلغاندىكى بېرىلگەن نومۇرغا قارىغاندا كۆپ بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، Google ئىزدەش ماتورى پۈتكۈل يەرشارىدىكى بارلىق تور بەتلەرنى بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتىگە قاراپ تۇرۇپ، ئىزدەش ھاسىلىسىنى رەتكە تىزىپ چىقىدۇ. شۇڭا سىز ئىزدىمەكچى بولغان مەزمۇننىڭ ھامان بىرىنچى ياكى بولمىسا ئىككىنچى قۇردا تۇرغانلىقىنى سۆيۈنچ بىلەن بايقايسىز.


لېكىن Page Rank نىڭ ھېسابلاش جەريانى ئۇنداق ئاددىي ئەمەس، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ تېخنىكىدا 50،000 دىن ئارتۇق ئۆزگەرگۈچى ۋە 20 مىليارد(200،000،000،000) دىن ئارتۇق سۆزلۈكتىن تەشكىل تاپقان تەڭلىمىلەر ئارقىلىق ھېسابلاش ئېلىپ بېرىلىدىكەن!!
Googleنىڭ قۇرغۇچىلىرى - لاررىي پېيج(سولدا)بىلەن سېرگىي بىرىن(ئوڭدا)



Googleدىن ئىزدەشنىڭ جەريانى


چىن شىخۇاڭنىڭ غەلبىسى

Qin shihuangچىن شىخۇاڭ(秦始皇) مىلادىدىن ئىلگىرى 259-مىلادىدىن ئىلگىرى 210- يىللاردا ياشىغان. جۇڭگۇدا تۇنجى بىرلىككە كەلگەن فېئوداللىق دۆلەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن چىن سۇلاسىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئەسلى ئىسمى يىڭ جېڭ(赢政)، ئون ئۈچ يېشىدا چىن بەگلىگىنىڭ بەگلىك ئورنىغا چىققان، 39 يېشىدا دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تاماملاپ،ئۆزىنى پادىشاھ (皇帝) دەپ ئاتىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ جۇڭگۇ تارىخىدىكى خانلار ئۆزىنى پادىشاھ (皇帝) دەپ ئاتايدىغان بولغان. [皇帝دېگەن گەپ خەنزۇ رېۋايەتلىرىدىكى قەدىمكى ئادىل ھۆكۈمدارلار دەپ تەرىپلىنىدىغان 三皇五帝دېگەن ئىبارىدىن ئېلىنغان بولۇپ، چىن شىخۇاڭ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى ئاشۇ ھۆكۈمدارلاردىن ئېشىپ كەتتى دەپ قاراپ، ئۆزىنى 皇帝 دەپ ئاتىغان.]

چىن شىخۇاڭ قۇرغان چىن سۇلالىسى پەقەت ئىككى ئەۋلاتلا ھۆكۈم سۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ پۈتكۈل جۇڭگۇ تارىخىدا تۇتقان رولى تولىمۇ مۇھىم. گەرچە ئۇ بىر مۇنچە ئادەم قېلىپىدىن چىققان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا قوشقان تۆھپىسى بار. بولۇپمۇ، ئۇ بەرپا قىلغان بىر مۇنچە تۈزۈملەر چىن سۇلاسىسىدىن كېيىنكى خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن ئۆرنەك قىلىنىپ، پۈتكۈل جۇڭگۇ فېئوداللىق دۆلەت تارىخىنىڭ مەركىزىي تۈزۈمى بولۇپ قالدى. شۇ مەنىدىن چىن شىخۇاڭ بىر غالبىيەتچىدۇر.

چىن شىخۇاڭنىڭ غەلبىسى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئىقلىمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تارقاق ھالەتتىكى ئۇششاق بەگلىكلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن، ھوقۇق مەزكەرگە مەركەزلەشكەن دۆلەت قۇرۇپ چىققانلىقتىن ئىبارەت. كونكىرىت ئېيتساق، ئۇنىڭ تۆھپىسى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ:


  1. يېزىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش. ئەينى ۋاقىتتا يەتتە بەگلىكتە يەتتە خىل يېزىق ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، چىن شىخۇاڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن ئاۋۋال يېزىقنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. بۇ يېزىق ھازىر ئىشىلىتىلىۋاتقان خەنزۇ يېزىقىنىڭ ئاساسى بولۇپ، يېزىقنىڭ بىرلىككە كېلىشى ئاۋۋال تىلىنى قېلىپلىشىغا، ئۇندىن ئۆتۈپ مىللەتنىڭ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۇيۇشىشىغا بىۋاستە تۈرتكە بولدى.

  2. .سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ناھىيە-ئايماق تۈزۈمىنى دەسسىتىش. بۇ چىن شىخۇاڭنىڭ ئەڭ مۇھىم تۆھپىسى سۇيۇرغاللىق دېگىنىمىز، پادىشاھ ئوغۇللىرىغا، ئاكا-ئىنىلىرىگە ۋە باشقا ئەر تۇغقانلىرىغا، شۇنداقلا تۆھپە كۆرسەتكەن ئەمەلدارلارغا دۆلەت تەۋەلىكىدىكى مەلۇم زىمىننى ئەبەدىي بەخشەندە قىلىپ بېرىدىغان، مەزكۇر زېمىنغا ئېرىشكەنلەر ئۆز زېمىنىغا قارىتا مۇتلەق ھۇقۇقلۇق بولۇپ، پادىشاھقا ياردەملىشىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشتىن باشقا ھېچقانداق مەجبۇرىيەت ئۆتىمەيدىغان ھەمدە بۇ خىل سۇيۇرغال زېمىنغا ئېگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى مىراس بولۇپ قالىدىغان بىر خىل تۈزۈمنى كۆرسىتىدۇ. .
    چىن شىخۇاڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، جۇ سۇلالىسىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ، كۆپ قارشىلىقلارغا پىسەنت قىلىپ قويماي، سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ناھىيە-ئايماق تۈزۈمىنى تەسسىس قىلدى. ناھىيە- ئايماق تۈزۈمى دېگەندە دۆلەتنى بىر قانچە ئايماق- ناھىيىلەرگە بۆلۈپ ئىدارە قىلىدىغان، ناھىيە ۋە ئايماقنىڭ باشلىقلىرى بىۋاستە مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەيىنلىنىدىغان ۋە پۈتۈنلەي مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىغان تۈزۈمنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل تۈزۈم بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ھوقۇقىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، پادىشاھنىڭ ھوقۇقىنى مىسلىسىز كۈچەيتتى. شۇندىن باشلاپ ناھىيە-ئايماق تۈزۈمى ھەر قايسى سۇلالىلەرنىڭ ئاساسلىق ئىدارە شەكلىگە ئايلىنىپ، جۇڭگۇنىڭ ھازىرقى تېررىتورىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە زور رول ئوينىدى. گەپ: سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى جۇ سۇلالىسى ۋاقتىدا ئورنىتىلغان بولۇپ، جۇ سۇلالىسنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە ھەر قايسى سۇيۇرغاللارنىڭ ھوقۇقى كۈچىيىپ مەركىزىي ھۆكۈمەت قۇرۇق جازىغا ئايلىنىپ قالغان. ئەمىنىيە ۋە يىغىلىق دەۋرىدىكى ھەرقايسى بەگلىكلەر ئەمەلىيەتتە جۇ سۇلالىسىگە قاراشلىق بەگلىكلەر ئىدى، چىن سۇلالىسىنى ئەسلى گەۋدىىسى بولغان چىن بەگلىگىنىڭ ئۆزىمۇ جۇ سۇلالىسىنىڭ بىر سۇيۇرغاللىقى ئىدى!
    سۇيۇرغاللىق بۆلۈنۈشكە سەۋەب بولىدۇ، چۈنكى سۇيۇرغاللىقنىڭ ئاساسىي قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ، دەۋرلەر ئۆتكەنچە بۇ خىل مۇناسىۋەت سۇسلايدۇ. مەسلەن، ئەمەت پادىشاھ بولۇپ، ئۇ زېمىننى ئوغۇللىرى سەمەت ۋە مەمەتكە سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن بولسا، ئەمەت ھايات ۋاقتىدا سەمەت ۋە مەمەت ئۆزئار ياخشى ئۆتىشىدۇ، ۋە بەلكىم كېيىنمۇ ياخشى ئۆتۈشى مۇمكىن، بىراق سەمەت ۋە مەمەت ئۆز سۇيۇرغال يېرىنى يەنە ئوغۇللىرىغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەندە ۋە مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرگەندە بىر پۈتۈن زېمىن ئاخىرقى ھېسابتا پارچىلىنىپ كېتىدۇ. تارىختا مىسال كۆپ، ھونلارنىڭ بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈپ كېتىشى، قاراخانىيلارنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ ئۆز ئارا ئۇرۇش قىلغانلىقى، بىر پۈتۈن مۇڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەتتا بۇ تۈزۈمنى بەرپا قىلغان جۇ سۇلالىسىنىڭ ئۆزىمۇ بۇنىڭ ياخشى مىسالى. ئوتتۇر ئاسىيادىكى توختىماس نىزا- ئۇرۇشنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ.
  3. پۇل ۋە ئۆلچەم بىرلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش. پۇل ۋە ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلىشى پۈتكۈل دۆلەت زېمىنىنى بىرلىككە كەلگەن بازارغا ئايلاندۇردى، بۇ سودا ۋە ئالاقىنى مىسلىسز يۈكسەلدۇردى.

پايدىلىنىلغان ماتېرىياللار: http://baike.baidu.com/view/2389.htm