2009-02-02

چىن شىخۇاڭنىڭ غەلبىسى

Qin shihuangچىن شىخۇاڭ(秦始皇) مىلادىدىن ئىلگىرى 259-مىلادىدىن ئىلگىرى 210- يىللاردا ياشىغان. جۇڭگۇدا تۇنجى بىرلىككە كەلگەن فېئوداللىق دۆلەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن چىن سۇلاسىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئەسلى ئىسمى يىڭ جېڭ(赢政)، ئون ئۈچ يېشىدا چىن بەگلىگىنىڭ بەگلىك ئورنىغا چىققان، 39 يېشىدا دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تاماملاپ،ئۆزىنى پادىشاھ (皇帝) دەپ ئاتىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ جۇڭگۇ تارىخىدىكى خانلار ئۆزىنى پادىشاھ (皇帝) دەپ ئاتايدىغان بولغان. [皇帝دېگەن گەپ خەنزۇ رېۋايەتلىرىدىكى قەدىمكى ئادىل ھۆكۈمدارلار دەپ تەرىپلىنىدىغان 三皇五帝دېگەن ئىبارىدىن ئېلىنغان بولۇپ، چىن شىخۇاڭ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى ئاشۇ ھۆكۈمدارلاردىن ئېشىپ كەتتى دەپ قاراپ، ئۆزىنى 皇帝 دەپ ئاتىغان.]

چىن شىخۇاڭ قۇرغان چىن سۇلالىسى پەقەت ئىككى ئەۋلاتلا ھۆكۈم سۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ پۈتكۈل جۇڭگۇ تارىخىدا تۇتقان رولى تولىمۇ مۇھىم. گەرچە ئۇ بىر مۇنچە ئادەم قېلىپىدىن چىققان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا قوشقان تۆھپىسى بار. بولۇپمۇ، ئۇ بەرپا قىلغان بىر مۇنچە تۈزۈملەر چىن سۇلاسىسىدىن كېيىنكى خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن ئۆرنەك قىلىنىپ، پۈتكۈل جۇڭگۇ فېئوداللىق دۆلەت تارىخىنىڭ مەركىزىي تۈزۈمى بولۇپ قالدى. شۇ مەنىدىن چىن شىخۇاڭ بىر غالبىيەتچىدۇر.

چىن شىخۇاڭنىڭ غەلبىسى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئىقلىمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تارقاق ھالەتتىكى ئۇششاق بەگلىكلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن، ھوقۇق مەزكەرگە مەركەزلەشكەن دۆلەت قۇرۇپ چىققانلىقتىن ئىبارەت. كونكىرىت ئېيتساق، ئۇنىڭ تۆھپىسى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ:


  1. يېزىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش. ئەينى ۋاقىتتا يەتتە بەگلىكتە يەتتە خىل يېزىق ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، چىن شىخۇاڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن ئاۋۋال يېزىقنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. بۇ يېزىق ھازىر ئىشىلىتىلىۋاتقان خەنزۇ يېزىقىنىڭ ئاساسى بولۇپ، يېزىقنىڭ بىرلىككە كېلىشى ئاۋۋال تىلىنى قېلىپلىشىغا، ئۇندىن ئۆتۈپ مىللەتنىڭ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۇيۇشىشىغا بىۋاستە تۈرتكە بولدى.

  2. .سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ناھىيە-ئايماق تۈزۈمىنى دەسسىتىش. بۇ چىن شىخۇاڭنىڭ ئەڭ مۇھىم تۆھپىسى سۇيۇرغاللىق دېگىنىمىز، پادىشاھ ئوغۇللىرىغا، ئاكا-ئىنىلىرىگە ۋە باشقا ئەر تۇغقانلىرىغا، شۇنداقلا تۆھپە كۆرسەتكەن ئەمەلدارلارغا دۆلەت تەۋەلىكىدىكى مەلۇم زىمىننى ئەبەدىي بەخشەندە قىلىپ بېرىدىغان، مەزكۇر زېمىنغا ئېرىشكەنلەر ئۆز زېمىنىغا قارىتا مۇتلەق ھۇقۇقلۇق بولۇپ، پادىشاھقا ياردەملىشىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشتىن باشقا ھېچقانداق مەجبۇرىيەت ئۆتىمەيدىغان ھەمدە بۇ خىل سۇيۇرغال زېمىنغا ئېگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى مىراس بولۇپ قالىدىغان بىر خىل تۈزۈمنى كۆرسىتىدۇ. .
    چىن شىخۇاڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، جۇ سۇلالىسىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ، كۆپ قارشىلىقلارغا پىسەنت قىلىپ قويماي، سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ناھىيە-ئايماق تۈزۈمىنى تەسسىس قىلدى. ناھىيە- ئايماق تۈزۈمى دېگەندە دۆلەتنى بىر قانچە ئايماق- ناھىيىلەرگە بۆلۈپ ئىدارە قىلىدىغان، ناھىيە ۋە ئايماقنىڭ باشلىقلىرى بىۋاستە مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەيىنلىنىدىغان ۋە پۈتۈنلەي مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىغان تۈزۈمنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل تۈزۈم بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ھوقۇقىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، پادىشاھنىڭ ھوقۇقىنى مىسلىسىز كۈچەيتتى. شۇندىن باشلاپ ناھىيە-ئايماق تۈزۈمى ھەر قايسى سۇلالىلەرنىڭ ئاساسلىق ئىدارە شەكلىگە ئايلىنىپ، جۇڭگۇنىڭ ھازىرقى تېررىتورىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە زور رول ئوينىدى. گەپ: سۇيۇرغاللىق تۈزۈمى جۇ سۇلالىسى ۋاقتىدا ئورنىتىلغان بولۇپ، جۇ سۇلالىسنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە ھەر قايسى سۇيۇرغاللارنىڭ ھوقۇقى كۈچىيىپ مەركىزىي ھۆكۈمەت قۇرۇق جازىغا ئايلىنىپ قالغان. ئەمىنىيە ۋە يىغىلىق دەۋرىدىكى ھەرقايسى بەگلىكلەر ئەمەلىيەتتە جۇ سۇلالىسىگە قاراشلىق بەگلىكلەر ئىدى، چىن سۇلالىسىنى ئەسلى گەۋدىىسى بولغان چىن بەگلىگىنىڭ ئۆزىمۇ جۇ سۇلالىسىنىڭ بىر سۇيۇرغاللىقى ئىدى!
    سۇيۇرغاللىق بۆلۈنۈشكە سەۋەب بولىدۇ، چۈنكى سۇيۇرغاللىقنىڭ ئاساسىي قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ، دەۋرلەر ئۆتكەنچە بۇ خىل مۇناسىۋەت سۇسلايدۇ. مەسلەن، ئەمەت پادىشاھ بولۇپ، ئۇ زېمىننى ئوغۇللىرى سەمەت ۋە مەمەتكە سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن بولسا، ئەمەت ھايات ۋاقتىدا سەمەت ۋە مەمەت ئۆزئار ياخشى ئۆتىشىدۇ، ۋە بەلكىم كېيىنمۇ ياخشى ئۆتۈشى مۇمكىن، بىراق سەمەت ۋە مەمەت ئۆز سۇيۇرغال يېرىنى يەنە ئوغۇللىرىغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەندە ۋە مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرگەندە بىر پۈتۈن زېمىن ئاخىرقى ھېسابتا پارچىلىنىپ كېتىدۇ. تارىختا مىسال كۆپ، ھونلارنىڭ بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈپ كېتىشى، قاراخانىيلارنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ ئۆز ئارا ئۇرۇش قىلغانلىقى، بىر پۈتۈن مۇڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەتتا بۇ تۈزۈمنى بەرپا قىلغان جۇ سۇلالىسىنىڭ ئۆزىمۇ بۇنىڭ ياخشى مىسالى. ئوتتۇر ئاسىيادىكى توختىماس نىزا- ئۇرۇشنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ.
  3. پۇل ۋە ئۆلچەم بىرلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش. پۇل ۋە ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلىشى پۈتكۈل دۆلەت زېمىنىنى بىرلىككە كەلگەن بازارغا ئايلاندۇردى، بۇ سودا ۋە ئالاقىنى مىسلىسز يۈكسەلدۇردى.

پايدىلىنىلغان ماتېرىياللار: http://baike.baidu.com/view/2389.htm

0 ئىنكاس:

ئىنكاس يېزىش

ئىنكاسنى uyx.blogspot.com دا ئۇيغۇرچە يېزىپ كىلىپ چاپلىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر گۇگول ھىسابىڭىز بولمىسا 名称/网址 نى تاللاپ ئىسمىڭىز ۋە بلوگ ئادرېسىڭىزنى تولدۇرۇپ يوللاڭ.