تاللانغان تۈردىكى يازمىلار كۆرسىتىلدى، بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
显示标签为“Blogging”的博文。显示所有博文

2009-04-12

بلوگنىڭ كەڭلىكى ھەققىدە


بلوگ ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ كۆرىشى ئۈچۈن يېزىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز بلوگ يازغاندا ۋە ياسىغاندا ئاشۇ ئوقۇرمەنلەرنى ئويلىشىڭىز كېرەك. ئويلىشىدىغان مەسىلىلەر ئىچىدە بلوگ كۆرۈنىشى ھەم مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، چۈنكى باشقىلار ئەڭ ئاۋۋال بلوگىڭىزنىڭ چىرايىنى كۆرىدۇ.بۇ يازمىمىزدا بلوگنىڭ كەڭلىكىنى قانداق بەلگىلەش توغرىلىق سۆزلەيمىز.
بلوگنىڭ كەڭلىكى قانداق بولغاندا ياخشى بولىدۇ؟
بۇ ئوقۇرمەن ئىشلەتكەن كومپيۇتېرىنىڭ ئېكران خاسلىقىغا باغلىق.ئادەتتە كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ ئەڭ كىچىك كەڭلىكى 800 پىكسىل بولىدۇ، شۇڭا بلوگ كەڭلىكى مۇشۇنىڭدىن چوڭ بولۇپ قالسا، بلوگ ئېكرانغا تولۇق پاتماي قالىدۇ-دە، كۆرۈنىشىگە تەسىر يېتىدۇ.لېكىن ھازىر ئېكران خاسلىقىنى ئەڭ كىچىك قىممەتكە تەڭشەپ ئىشلىتىدغان ئادەم ئاساسەن قالمىدى، تولاراق 1024 پىكسىلدىكى كەڭلىككە تەڭشەپ ئىشلىتىلىدۇ، شۇڭا بلوگ كەڭلىكى مۇشۇ ئۆلچەمنى ئاساس قىلىپ ياسالسا بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ.

بلوگ كەڭلىكى بەك كىچىك بولۇپ كەتسىمۇ ياخشى بولمايدۇ، بەك كەڭ بولۇپ كەتسىمۇبولمايدۇ. بەك كىچىك بولۇپ قالسا، ئوزۇن جۈملىلەر بىر قانچە قۇر بولۇپ كېتىپ تولا كۆز يۆتكەپ، تولا مائۇسنى پەسكە تارىپ ئوقۇرمەنلەر ھېرىپ قالىدۇ. بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، يەنىلا كۆز ئوزۇن جۈملىلەرنى ئوقۇش ئۈچۈن جۈملە بېشىدىن- كەينىگە بېرىپ بولغىچە چارچاپ قالىدۇ. شۇڭا بلوگ كەڭلىكى مۇۋاپىق بولۇش كېرەك.
مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بلوگ ( توربەت )نىڭ كەڭلىكى 960 پىكسىل ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدىكەن. بۇنداق بولغاندا، كۆز ئوڭ- سولغا يۆتكەلمەي تۇرۇپلا پۈتۈن ئېكراننى كۆرەلەيدىكەن،ھەم بەت يۈزىنىڭ كۆركەملىكىگە كۆپ تەسىر يەتمەيدىكەن.
شۇ سەۋەب، بۈگۈن بلوگنىڭ كەڭلىكىنى 960 پىكسىلغا تەڭشەپ قويدۇم.



2009-02-02

BlogBus تا ئىنكاسقا تەگلىك قوشۇش

بۇ يازما تەكلىماكان بلوگدىكى بۇ يازما ئاساسىدا يېزىلدى.
بۈگۈن قارىسام تەكلىماكان بلوگنىڭ ئىنكاس ئورنى چىرايلىق بولۇپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بلوگباستىمۇ شۇنداق قىلغىلى بولارمۇ دەپ ئىزدەندىم، قىلغىلى بولدى، تەس ئەمەس ئىكەن. ھازىر سىزگىمۇ دەپ بەرمەكچى، دىققەت بىلەن ئاڭلاڭ:

ئۇسلۇب تەھرىرلەش بېتىنى ئېچىپ، ئۇنىڭدىن CSS نى تەھرىرلەشنى تاللاڭ. كود ئارىسىدىن تۆۋەندىكى كودنى ئىزدەڭ:

#comments .cmtBody { }

ئىككى تىرناق ئارىسىغا تۆۋەندىكى كودنى چاپلاڭ:


#comments .cmtBody { } margin:0 0 .75em;
padding: 10px 10px 10px 20px;
background: #f3a64c url(http://koklem.kok.googlepages.com/bg.gif) no-repeat right bottom;

ئاۋۇ قىزىل بوياپ قويغان كود رەسىم ئادرىسى، باشقا رەسىمنى ئالماشتۇرۇپ قويسىڭىز، ياكى بۇ كودتىكى ئالاقىدار پارامېتىرلارنى ئۆزگەرتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
تۆۋەندىكىسى تەگلىك قوشۇلغاندىن كېيىنكى نەتىجە:

Blogbus ئىنكاسقا جاۋاب قايتۇرۇش رامكىسىغا تەگلىك قوشۇش

ئالدىنقى يازمىمىزدا ئىنكاس رامكىسىغا تەگلىك قوشۇشنى سۆزلىگەن ئىدۇق، بۈگۈن ئىنكاسقا جاۋاب قايتۇرۇش رامكىسىغا تەگلىك قوشۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز
ئۇسلۇب تەھرىرلەش بېتىدىن CSS نى تەھرىرلەش نى تاللاپ كود ئارىسىدىن تۆۋەندىكى كودنى ئىزدەپ تاپىمىز:

#comments .reCmtBody { }


ئادنى كېيىن قوش تىرناق ئىچىگە تۆۋەندىكى كودنى چاپلايمىز:


margin:.75em;
padding: 10px 10px 10px 15px;
background: Rgb(0,128,255) url(http://koklem.googlepages.com/Re_tag.JPG) no-repeat right top;



دىققەت: بەزى ئۇسلۇبلاردا يۇقىرىقى قوش تىرناق ئىچىدە كودلار بولۇشى مۇمكىن، ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا، تىرناق ئىچىدىكى كودنى يۇقىرىدىكى كودقا ئالماشتۇرۇڭ.
نەتىجە:


ئاۋۇ قىزىل رەڭلىك رەسىم ئادرىسى مەن ئىشلەتكەن رەسىم، سىز رەسىم ئادرىسىنى ئۆرگەرتىۋالسىڭىز بولىدۇ.


مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتىسىڭىز مەنبەسىنى چوقۇم ئەسكەرتىڭ!