2009-02-02

ئايلىق ئاخشام

ياپراقلارنىڭ ئۇچىدا قاتقان كۆلەڭگە.
يۇلتۇزلارنىڭ چاقنىشى تەڭگە.
يالغۇزلۇق. جىمجىت، لۆممىدە
يەتتى كېچە.

ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئولۇغ قاغان
ئوۋغا چىقىپ بىر كۈنى
ئۆلۈپ قالدى تاغ تۈۋىدە
تاش قالدى.


ئاي تولۇپ 15كۈن كېيىن
تويۇقسىز.... ئەلقىسسە:
-ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار، ئەتە شاھقا نەزىر..!!
ھەي، بەندە....


مەختۇمسۇلا قېرىماستىنلا
ئۆلۈپ كەتتى بالا دەردىدە.
سادىر پالۋان نەدە ياتقاندۇ؟
باتۇرلىقى ئۇچسىمۇ كۆكتە.



ئون بەش كۈندە تولىدۇ بىر ئاي
ھىممەتتە.


ئاي تولغاندەك پەيمانىمىز تولىدۇ
مۇددەتتە.

0 ئىنكاس:

ئىنكاس يېزىش

ئىنكاسنى uyx.blogspot.com دا ئۇيغۇرچە يېزىپ كىلىپ چاپلىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر گۇگول ھىسابىڭىز بولمىسا 名称/网址 نى تاللاپ ئىسمىڭىز ۋە بلوگ ئادرېسىڭىزنى تولدۇرۇپ يوللاڭ.