تاللانغان تۈردىكى يازمىلار كۆرسىتىلدى، بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
显示标签为“Edebiyat”的博文。显示所有博文

2009-02-02

ئايلىق ئاخشام

ياپراقلارنىڭ ئۇچىدا قاتقان كۆلەڭگە.
يۇلتۇزلارنىڭ چاقنىشى تەڭگە.
يالغۇزلۇق. جىمجىت، لۆممىدە
يەتتى كېچە.

ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئولۇغ قاغان
ئوۋغا چىقىپ بىر كۈنى
ئۆلۈپ قالدى تاغ تۈۋىدە
تاش قالدى.


ئاي تولۇپ 15كۈن كېيىن
تويۇقسىز.... ئەلقىسسە:
-ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار، ئەتە شاھقا نەزىر..!!
ھەي، بەندە....


مەختۇمسۇلا قېرىماستىنلا
ئۆلۈپ كەتتى بالا دەردىدە.
سادىر پالۋان نەدە ياتقاندۇ؟
باتۇرلىقى ئۇچسىمۇ كۆكتە.



ئون بەش كۈندە تولىدۇ بىر ئاي
ھىممەتتە.


ئاي تولغاندەك پەيمانىمىز تولىدۇ
مۇددەتتە.

2009-01-21

باھارنى كۈتۈش

چىراقلارنىڭ ئاستىدا لەرزان كوچا
ھەم شامال چىققان بولۇشى مۇمكىن.
كېلىپ قالدى ۋاقىت قىشنىڭ قۇيرۇقىغا
باھار كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ دەرەخ تەمكىن.

قار دەسسىگەن غاچىلداشلار پەيزى ئىدى!
چىم دەسسەشنىڭ ھاياجىنى ئاشتى ئەمما.
جۇۋىلاردىن بوشانماقتا قىش كۈنلىرى
باھارنى دەپ جانغا كىردى تۇپراق، ھاۋا.

قاپىيىلەر دەسسەپ كەتتى ئالمان- تالمان
تۇراق نەدە؟ مىسرالىرىم سەپ سالمايلا.
قىش كىرگەندە ئامان ئىدۇق، تۇردۇق ئامان،
(شۈكرى ئاللاھ، شۈكرى ئاللاھ، ئىنشائاللاھ!)
باھاركۈتۈپ تۇرماقتىمىز بوسۇغىدا.