2009-04-12

بلوگنىڭ كەڭلىكى ھەققىدە


بلوگ ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ كۆرىشى ئۈچۈن يېزىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز بلوگ يازغاندا ۋە ياسىغاندا ئاشۇ ئوقۇرمەنلەرنى ئويلىشىڭىز كېرەك. ئويلىشىدىغان مەسىلىلەر ئىچىدە بلوگ كۆرۈنىشى ھەم مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، چۈنكى باشقىلار ئەڭ ئاۋۋال بلوگىڭىزنىڭ چىرايىنى كۆرىدۇ.بۇ يازمىمىزدا بلوگنىڭ كەڭلىكىنى قانداق بەلگىلەش توغرىلىق سۆزلەيمىز.
بلوگنىڭ كەڭلىكى قانداق بولغاندا ياخشى بولىدۇ؟
بۇ ئوقۇرمەن ئىشلەتكەن كومپيۇتېرىنىڭ ئېكران خاسلىقىغا باغلىق.ئادەتتە كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ ئەڭ كىچىك كەڭلىكى 800 پىكسىل بولىدۇ، شۇڭا بلوگ كەڭلىكى مۇشۇنىڭدىن چوڭ بولۇپ قالسا، بلوگ ئېكرانغا تولۇق پاتماي قالىدۇ-دە، كۆرۈنىشىگە تەسىر يېتىدۇ.لېكىن ھازىر ئېكران خاسلىقىنى ئەڭ كىچىك قىممەتكە تەڭشەپ ئىشلىتىدغان ئادەم ئاساسەن قالمىدى، تولاراق 1024 پىكسىلدىكى كەڭلىككە تەڭشەپ ئىشلىتىلىدۇ، شۇڭا بلوگ كەڭلىكى مۇشۇ ئۆلچەمنى ئاساس قىلىپ ياسالسا بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ.

بلوگ كەڭلىكى بەك كىچىك بولۇپ كەتسىمۇ ياخشى بولمايدۇ، بەك كەڭ بولۇپ كەتسىمۇبولمايدۇ. بەك كىچىك بولۇپ قالسا، ئوزۇن جۈملىلەر بىر قانچە قۇر بولۇپ كېتىپ تولا كۆز يۆتكەپ، تولا مائۇسنى پەسكە تارىپ ئوقۇرمەنلەر ھېرىپ قالىدۇ. بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، يەنىلا كۆز ئوزۇن جۈملىلەرنى ئوقۇش ئۈچۈن جۈملە بېشىدىن- كەينىگە بېرىپ بولغىچە چارچاپ قالىدۇ. شۇڭا بلوگ كەڭلىكى مۇۋاپىق بولۇش كېرەك.
مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بلوگ ( توربەت )نىڭ كەڭلىكى 960 پىكسىل ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدىكەن. بۇنداق بولغاندا، كۆز ئوڭ- سولغا يۆتكەلمەي تۇرۇپلا پۈتۈن ئېكراننى كۆرەلەيدىكەن،ھەم بەت يۈزىنىڭ كۆركەملىكىگە كۆپ تەسىر يەتمەيدىكەن.
شۇ سەۋەب، بۈگۈن بلوگنىڭ كەڭلىكىنى 960 پىكسىلغا تەڭشەپ قويدۇم.



4 条评论:

  1. ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ،بىلوگىڭىزنىڭ تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىپ بلوگ*سپوتتا ئۇيغۇرچە بىلوگنىڭ يەنە بىرسى كۆپەيگەنلىكىنى كۆرۈپ خوشال بولدۇم ،بىلوگىڭىزنى ئۇلىنىش بىلوگىغا قېتىپ قويدۇم ! بىز تەرەپلەرگىمۇ ئۆتەرسىز !

    回复删除
  2. ئوڭ يان تەرەپتىكى «يازما تۈرلىرى» ،باش بەتتىكى يازمىنىڭ قىسقىچە مۇزمۇنى ئاستىدىكى «يازغۇچى: Kok| ۋاقىت 20:36| تولۇق ئوقۇش| 1 ئىنكاس| تۈرلەم: Blogging » ھەم ئۇنىڭ ئاستىدىكى «Esil Yazma (0) Yaman Ámás (0) Nemá Bu?! (0)» قاتارلىقلارنى قانداق چىقىرىش ھەققىدە تەلىم بەرسىڭىز بوپتىكەن.

    回复删除
  3. دولقۇن 731غا جاۋاب:رەھمەت! ئەلۋەتتە پات-پات ئۆتۈپ تۇرىمەن!

    回复删除
  4. تارىم غا جاۋاب:
    سىز دېگەن تۈلەرنى چىقىرش بلوگ*سپوتتا ئۆزى بار ئىقتىدارلار، مەن ئالاھىدە ئۇسۇل ئىشلەتمىدىم

    回复删除