2009-04-12

بلوگنىڭ كەڭلىكى ھەققىدە

بلوگ ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ كۆرىشى ئۈچۈن يېزىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز بلوگ يازغاندا ۋە ياسىغاندا ئاشۇ ئوقۇرمەنلەرنى ئويلىشىڭىز كېرەك. ئويلىشىدىغان مەسىلىلەر ئىچىدە بلوگ كۆرۈنىشى ھەم مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، چۈنكى باشقىلار ئەڭ ئاۋۋال بلوگىڭىزنىڭ چىرايىنى كۆرىدۇ.بۇ يازمىمىزدا بلوگنىڭ كەڭلىكىنى قانداق بەلگىلەش توغرىلىق سۆزلەيمىز.
بلوگنىڭ كەڭلىكى قانداق بولغاندا ياخشى بولىدۇ؟
بۇ ئوقۇرمەن ئىشلەتكەن كومپيۇتېرىنىڭ ئېكران خاسلىقىغا باغلىق.ئادەتتە كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ ئەڭ كىچىك كەڭلىكى 800 پىكسىل بولىدۇ، شۇڭا بلوگ كەڭلىكى مۇشۇنىڭدىن چوڭ بولۇپ قالسا، بلوگ ئېكرانغا تولۇق پاتماي قالىدۇ-دە، كۆرۈنىشىگە تەسىر يېتىدۇ.لېكىن ھازىر ئېكران خاسلىقىنى ئەڭ كىچىك قىممەتكە تەڭشەپ ئىشلىتىدغان ئادەم ئاساسەن قالمىدى، تولاراق 1024 پىكسىلدىكى كەڭلىككە تەڭشەپ ئىشلىتىلىدۇ، شۇڭا بلوگ كەڭلىكى مۇشۇ ئۆلچەمنى ئاساس قىلىپ ياسالسا بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ.

بلوگ كەڭلىكى بەك كىچىك بولۇپ كەتسىمۇ ياخشى بولمايدۇ، بەك كەڭ بولۇپ كەتسىمۇبولمايدۇ. بەك كىچىك بولۇپ قالسا، ئوزۇن جۈملىلەر بىر قانچە قۇر بولۇپ كېتىپ تولا كۆز يۆتكەپ، تولا مائۇسنى پەسكە تارىپ ئوقۇرمەنلەر ھېرىپ قالىدۇ. بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، يەنىلا كۆز ئوزۇن جۈملىلەرنى ئوقۇش ئۈچۈن جۈملە بېشىدىن- كەينىگە بېرىپ بولغىچە چارچاپ قالىدۇ. شۇڭا بلوگ كەڭلىكى مۇۋاپىق بولۇش كېرەك.
مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بلوگ ( توربەت )نىڭ كەڭلىكى 960 پىكسىل ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدىكەن. بۇنداق بولغاندا، كۆز ئوڭ- سولغا يۆتكەلمەي تۇرۇپلا پۈتۈن ئېكراننى كۆرەلەيدىكەن،ھەم بەت يۈزىنىڭ كۆركەملىكىگە كۆپ تەسىر يەتمەيدىكەن.
شۇ سەۋەب، بۈگۈن بلوگنىڭ كەڭلىكىنى 960 پىكسىلغا تەڭشەپ قويدۇم.

2009-03-09

كۆكلەم بلوگىنىڭ فونتى ھەققىدە

فونت ھەققىدىكى چۈشەنچەم شەكىللەنگىلى ئوزۇن بولمىدى. بىرەر يىلنىڭ ئالدىدا بلوگ يازىمەن دەپ ئىزدەپ، سوراپ، سىناپ.... بىلمىگەن بولسام، فونت ( خەت نۇسقىسى) ھەققىدىكى ساۋاتىم يوق ئىدى، ئۇ پەقەت بىر رەسىم، ئىككىلىك سېستىما بىلەن ساقلانغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىشكە ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە رەسىم دەپ ئويلايتىم. ئۇنىڭ كودى، يۇنىكود ئەلەي- بەلەيلەرنى بىلمەيتىم.
بىر كۈنى مەن ياتاقتىكى كومپيۇتېردا ئەلپىدا 2.0 نى ئىشلىتىپ ئۇرغان doc ھۆججىتىنى باشقا بىر كومپيۇتېردا كۆرمەكچى بولۇپ ئوقۇيالماي قالدىم، بىلىدىغانلاردىن سورىسام، بۇ خەت نۇسقىسىنىڭ مەسلىسى ئىمىش، ھە شۇنداقكەن-دە! دېدىم ۋە شۇندىن كېيىن ھەرقانداق بىر ھۆججەتنى فونت بىلەن بىللە ساقلاپ ئېلىپ يۈردۇم. يەنە بىر كۈنى خەنزۇچە ئۇرۇلغان بىر ھۆججەتنى بېسىپ چىقىرىدىغان ۋاقىتتا مەن ئىشلەتكەن خەت نۇسقىسىنىڭ دۇكاندىكى كومپيۇتېردا يوقلىقىنى، لېكىن خەتلەرنىڭ يەنىلا نورمال( ئوقۇغىلى بولىدىغان) كۆرۈنىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدىم!! نېمە ئىش بۇ؟! ئۇيغۇرچە بىر خىل فونتتىكى تېكىست يەنە بىر فونتتا نورمال كۆرۈنمەيتىغۇ؟؟
شۇ چاغدا مەن كومپيۇتېردىكى فونتلارنىڭ مەلۇم پىرىنسىپ بويىچە تونۇلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، يەنى مەلۇم بىر كودقا ماس ھەرپ ھەر خىل فونتلاردا ئوخشاش بولمىسا ئۇيغۇرچە فونت ھادىسىسى كۆرۈلىدىكەن، ئەكسىچە بولغاندا خەنزۇچە فونتتەك نورمال بولىدىكەن.ئىش مۇشۇنداق باشلاندى. شۇنداق تېڭىرقاپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بېرىدە، ئەڭ دەسلەپ بىلىك كۇلۇبىدا يۇنىكود ھەققىدىكى تېمىلارنى ئۇقۇدۇم. چۈشەنچەم ئايدىڭلاشقاندەك بولدى. لېكىن 2 ئاي بۇرۇنراق يەنە بىر مەسىلە كۆرۈلدى.
بۇ مەسىلىنى شۇ كۈنىلا بىلىك كۇلۇبىغا يوللاپ قويدۇم بۇ تېمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ بۇ تېمىدا ئېيتىلغاندەك، ئۇيغۇرچە فونتلاردا، بولۇپمۇ مەن چىراينى ئەڭ ياقتۇرىدىغان UKIJ Tuz Tom فونتى ئەرەبچە ھەرپلەرنى نورمال كۆرسىتەلمىدى. بۇ بلوگىمنىڭ فونتىنى ئۆزگەرتىۋېتىش لازىملىقىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلدى. شۇ سەۋەب يۇقارقى تېمىدىكى نەتىجە ئاساسىدا، UKIJ Nasq فونتىنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقتىم، تازا چىرايلىق ئەمەس ئىكەن، ئۇنى- بۇنى قىلىپ بېقىپ ئاخىرى UKIJ Tuz Basma فونتىنى ئىشلەتتىم. بۇ فونت ھەم چىرايلىق(راق)، ھەم ئۆلچەملىك(رەك) ئىكەن.
ناۋادا بلوگدىكى خەتلەر نورمال كۆرۈنمىسە بۇ يەردىن فونت قاچىلىغۇچنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلۋېتىڭ ياكى ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى خەت نۇسخسىنى قاچىلاڭ دېگەن رەسىمنى چېكىپ فونت قاچىلىغۇچىنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلىڭ.
شۇنچە ئۇزۇن گەپ مۇشۇ يەردە تۈگەيدۇ.

2009-02-27

KFont نىڭ يېڭى نەشىرى

ئالدىنقى قېتىم FontLoader نامىدا ئېلان قىلىنغان يۇمتالنى ئازراق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ياسالغان KFont 1.1.0 بۈگۈن رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇ قېتىمقى نۇسقىسىدا UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدىن باشقا يەنە UKIJ Chiwer Kesme ۋە UKIJ Nasq خەت نۇسخىسى قوشۇلدى ھەمدە خەت نۇسخىسىنى قاچىلاش بىلەن تەڭ قاچىلانغان خەت نۇسخىسىنى ئۆچۈرۈۋېتىش ئىقتىدارىمۇ بىللە قوشۇلدى.

ئالاقىدار ئۇچۇرلار:

ھۆججەت نامى: (1.1.0) KFont
ھۆججەت چوڭلىقى: 580kb
ئىقتىدارى: كومپيۇتېرنىڭ Fonts مۇندەرىجىسىگە UKIJ Tuz Tom , UKIJ Chiwer Kesme ۋە UKIJ Nasq خەت نۇسخىسىنى ئاپتۇماتىك قاچىلاش ۋە تاللانغان ماس خەت نۇسخىسىنى كومپيۇتېردىن ئۆچۈرۈش.
ياساشقا ئىشلىتىلگەن دېتال: Microsoft visual basic 6.0
چۈشۈرۈش:

بۇ دېتالنى ياساشتا، توردىكى ھەقىسز كودلاردىن يەتكۈچە پايدىلاندىم. لېكىن ئۆزۈم قول سالغان يەرلەرمۇ خېلى بار.مەن بىر ھەۋەسكار بولغانلىقىم سەۋەبلىك بەزىبىر مەسىلىلەر ساقلانغان بولىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇستىلارنىڭ ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پىكىر دېگەننى ئايىماي بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن!ئاخىرقى ئەسكەرتىش: بۇ دېتالنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى كۆكلەم بلوگىدىكى كۆككە مەنسۇپ! بۇ دېتال ھەقسىز دېتال بولۇپ، ئىشلىتىش جەريانىدا ئىشلەتكۈچىگە ھەرقانداق زىيان ئېلىپ كەلسە، ئاپتۇر بىردەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ!

Nokia 1681c دا ئېلخەت قوبۇللاش ۋە يوللاش

Nokia 1681c تېلىفونىنىڭ <<ئۇچۇر>> تېزىملىكىدە << ئېلخەت>> بار، بۇ ئېلخەت ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىلىكترونلۇق خەت ساندۇقىڭىزدىكى خەتلەرنى ئېچىپ ئوقۇيالايسىز ھەم باشقىلارغا ئېلخەت يوللىيالايسىز. تۆۋەندە بىز بۇنى تەڭشەشنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.
ئالدى بىلەن << ئېلخەت>> نى ئىشلىتىش شەرتلىرى توغرىلىق توختىلايلى.بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى تورغا ئۇلىنىش شەكلىدىكى << ئالدىن ئۇلىنىش نوقتىسى(首选接入点)>> چوقۇم CMNET قا توغرىلانغان بولۇشى كېرەك، بولمىسا "无法访问电子邮件设置向导请稍后再试"( ئېلخەت تەڭشەش يېتەكچىسىگە ئۇلىنالمىدى، سەل تۇرۇپ سىناڭ) دېگەن ئۇچۇر چىقىۋالىدۇ.
<< ئالدىن ئۇلىنىش نوقتىسى>> نى CMNET قا توغرىلاشنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:
ئىقتىدار تىزىملىكى(功能表) ----> تەڭشەش (设置 )--> ؟ (配置 设置 ) --> ئالدىن ئۇلىنىش نوقتىسى(首选接入点)--> كۆچمە خەۋەرلىشىش GPRS ئارقىلىق ئېنتىرنېتقا ئۇلىنىش (移动 GPRS 连接互联网).
يۇقارقىدەك تەڭشىۋالغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى باسقۇچ ئارقىلىق تېلىفوندىكى ئېلخەتنى قۇرىمىز:
ئىقتىدار تىزىملىكى(功能表) --> قىسقا ئۇچۇر(信息 ) --> ئېلىكترونلۇق خەت ساندۇقى (电子邮件信箱) --> ئېلخەت يىتەكچىسى(电子邮件向导) --> بار بولغان ئېلخەتنى ئىشلىتىش (使用已有信箱) --> ئېلخەت ئادرېسىنى كىرگۈزۈش.
يۇقارقى باسقۇچلاردىن كېيىن ئېلخەتنى مۇۋاپپقىيەتلىك قۇرغان بولىمىز. ئەمدى << ئۇچۇر >> تېزىملىكىگە قارىساق، بىز ئىشلىتىۋاتقان ئېلخەت نامى تىزىملىككە پەيدا بولىدۇ( مەسىلەن gmail, 163,QQ mail دېگەندەك )
. پەيدا بولغان ئېلخەت تىزىملىكىگە كىرگەندىن كېيىن، سىزدىن مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈشنى سورايدۇ، مەخپىي نومۇرنى ئىككى قېتىم كىرگۈزگەندىن كېيىن مەخپىي نومۇرنى ئاپتۇماتىك ساقلىۋالىدۇ ۋە شۇنىڭدىن كېيىن كىرگەندە مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈش ھاجەتسىز.
پەيدا بولغان ئېلخەت تىزىملىكىگە كىرگەندىن كېيىن، سىزدىن مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈشنى سورايدۇ، مەخپىي نومۇرنى ئىككى قېتىم كىرگۈزگەندىن كېيىن مەخپىي نومۇرنى ئاپتۇماتىك ساقلىۋالىدۇ ۋە شۇنىڭدىن كېيىن كىرگەندە مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈش ھاجەتسىز.
بۇ ئېلخەت ئارقىلىق ئېلخەت يوللاش ۋە قوبۇللاش توردىكى ئېلخەتنى ئىشلىتىش بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش.

دىققەت: بۇ پەقەت مېنىڭ Nokia 1681c نى ئىشلىتىش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىم، بەلكىم بۇ ئۇسۇللار Nokiaنىڭ باشقا تىپلىرىدىمۇ ئىشلىشى مۇمكىن. ئۇندىن باشقا مەن پەقەت Gmail, QQ mail ۋە 163 نىڭ ئېلخەت ئادرىسىدىلا سىناپ باققان، باشقا ئېلخەت مۇلازىمەتچىلىرىدە بەلكىم ئوخشىمىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىشى مۇمكىن.

2009-02-13

خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى

1999.يىلى نويابىر، ب د ت مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي چوڭ يىغىنىدا : «2000.يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 21.فېۋرال كۈنى International خەلقئارالىق ئانا تىل خاتىرە كۈنى (International Mother Language Day) قىلىپ بېكىتىلىدۇ. » دەپ ئېلان قىلىندى. تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىللىك ۋە شەكلىسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان ھەمدە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئەپۇچانلىق ئاساسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ
مەزكۇر يازما ئانا تىلىم تور تۇراسىدىن ئېلىندى.

2009-02-02

html دىن 10 كۈنلۈك مەشىق(4)

تور بەتتە جەدۋەل ئىشلىتىش(داۋامى) بىز ئالدىنقى مەشىقىمىزدە تور بەت يۈزىدە ئاددىي جەدۋەللەرنى ئىشلىتىشنى ئۆگەنگەن ئىدۇق. بىراق سىناپ باققانلار بىلىدۇكى، ئالدىنقى مەشىقتىكى پارامېتىرلار جەدۋەلنى تېخىمۇ كۆركەم قىلىشقا، تېخىمۇ مۇرەككەپ قۇرۇلمىلارنى ئىپادە قىلىشقا كۇپايە قىلمايدۇ. شۇڭا بۇ مەشىقىمىزدە بىز داۋاملىق جەدۋەل توغرىلىق توختىلىمىز.
1.cellspacing ۋەcellpadding پارامېتىرلىرى بۇ پارامېتىرلار table بەلگىسى ئىچىگە يېزىلىدۇ. cellspacing پارامېتىرى جەدۋەلدىكى ھەر قايسى كاتەكچىلەرنىڭ ئارىلىقىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ پارامېتىر سانلىق قىممەت ئالدىغان بولۇپ، سانلىق قىممەت قانچە چوڭ بولسا كاتەكچىلەرنىڭ ئارىلىقىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكى ئاق جاي دەل كاتەكچىلەرنىڭ ئارىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. cellpadding پارامېتىرى كاتەكچە ئىچىدىكى مەزمۇن بىلەن كاتەكچە چىگرىسىنىڭ ئارىلىقىنى بەلگىلەيدۇ( تۆۋەندىكى رەسىمدىكى كۆك ئارىلىق). بۇ پارامېتىرمۇ سانلىق قىممەت ئالدىغان بولۇپ، سانلىق قىممەت قانچە چوڭ بولسا ئارىلىقمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

colspan.2 ۋەrowspan پارامېتىرى بۇ پارمېتىرلار td بەلگىسىنىڭ ئىچىگە يېزىلىدىغان بولۇپ، كاتەكچىنىڭ قانچە قۇر ياكى قانچە ستون ئاتلايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. ھەر ئىككى پارامېتىر سانلىق قىممەت ئالىدىغان بولۇپ، سانلىق قىممەت ئاتلاپ كېتىدىغان قۇر ياكى ستون سانىنى بىلدۈرىدۇ. colspan پارامېتىرى ئاتلاپ كېتىدىغان ستون سانىنى بەلگىلەيدۇ، rowspan پارامېتىرى ئاتلايدىغان قۇر سانىنى بەلگىلەيدۇ.

تۆۋەندىكى كودلارنى ئىجرا قىلىپ كۆرۈڭ!

test

test

test

Title

test

test

test

شۇنداق قىلىپ جەدۋەلگە ئائىت سۆزلەيدىغانلىرىمىز بىرەر قۇر تۈگەپ قالدى.ئەمدى تاپشۇرۇق ئىشلەپ بېقىڭ. تاپشۇرۇق: رەسمدىكىدەك بىر تور بەت ياساڭ! پايدىلىنىش كودى بۇ يەردە!

مىلادىيەنى ھىجرىيەگە ئايلاندۇرۇش كودى

بۈگۈن توردا ئويناۋېتىپ مىلادىيەنى ھىجرىيىەگە ئايلاندۇرۇش كودىنى تېپىۋالدىم.بۇ بىرjs كودى بولۇپ، قىستۇرغاندا ئاپتۇماتىك ھالدا كومپيۇتېر ۋاقتىنى ئوقۇپ چىقىپ، ئۇنى ھىجرىيە ھېسابىغا ئايلاندۇرىدىكەن. (بۇ كود سىز ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېر ۋاقتىنىلا ئىشلتىىدۇ، كومپيۇتېرنىڭ ۋاقىتى خاتا بولسا ھاسىل بولغان نەتىجىمۇ خاتا بولىدۇ). ئەسلىسى ئېنگلىزچە بولغان بۇ كودنى ئاددىي ھالدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويدۇم. بەزى ئاي ناملىرى توغرا بولماي قالغان بولۇىشى مۇمكىن، كۆپچىلىك بىرلىكتە تۈزىتىۋالساق!

(كود مەنبەسى: ئادرىس بەك ئوزۇن ئىكەن، بۇ يەرنى چېكىپ كىرىڭ)

ئەسلى ئېنگلىزچە كود:

مەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويغان كود:

ئۈلگىنى ئىزنا توپلىمىدىن كۆرۈڭ!

ئالاقە ئۇسۇلى

بىز بىلەن ئالاقىلىشتا تۆۋەندىكى يوللاردا مېڭىڭ!

HTMLدىن 10 كۈنلۈك مەشىق(5)

قۇر كونترول بەلگىلىرى
بۈگۈنكى مەشىقتە قۇر ۋە ئابزاس كونترول قىلىشقا ئائىت بىر قىسىم پارامېتىرلارنى ئۆگىنىپ ئۆتىمىز. بۈگۈنكى مەزمۇن بەلكىم كۆپرەك بولۇشى ھەم چۇۋالچاقراق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ ئەسلدىنلا شۇنداقراق. شۇڭا تەپسىلىي ئوقۇپ، مەشىىقنى تەپسىلىي ئىشلىگەيسىز!

1.

بەلگىسى
بۇ بەلگە بىر ئابزاسقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، يالغۇر
يېزىلسا كەينىدىكى مەزمۇننىڭ بىر قۇر تاشلىنىپ يېڭى قۇردىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن: كود

This is a line
And this is the new line after a empty line

بۇ كودنىڭ نەتىجىسى

This is a line

And this is the new line after a empty line

بىر ئابزاسنى كونترۇل قلىىش بەلگىلىرى بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك پارامېتىرلار ئارقىلىق تەڭشىلىدىۇ:

align: بۇ ئابزاسنىڭ توغرىلىنىش ئۇسلۇبى بولۇپ، سولغا(left)، ئوتتۇرىغا(center) ۋە ئوڭغا(right) توغرىلاشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل قىممەت ئالدىۇ.

dir: بۇ ئابزاسنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان بولۇپ، سولدىن ئوڭغا(ltr) ۋە ئوڭدىن سولغا(rtl) ئىككى خىل قىممەت ئالدىۇ.('rtl' قىلىپ تەڭشەپ قويغاندا، ئوڭدىن سولغا ۋە سولدىن ئوڭغا يېزىلىدىغان يېزىقلار ئارىلاش كەلگەندە ئورنى ئالمىشىپ كېتىش مەسلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ)

2.</ br> بەلگىسى
بۇ بەلگە قۇر ئالماشتۇرۇش بەلگىسى بولۇپ، كەينىدىكى مەزمۇن يېڭى قۇردىن باشلىنىدۇ.
بىلەن بولغان پەرقى بىر قۇر تاشلىمايدۇ، مەسىلەن:كود

This is a line
And this is the new line

نەتىجە:

This is a line
And this is the new line

3.

بەلگىسى

بۇ بەلگە بىر بۆلەك ( قىسىم، division) نى بەلگىلەيدىغان بەلگە بولۇپ، ئاساسلىق خاسلىقى

بىلەن ئوخشاش. بۇ بەلگە ئارقىلىق بەت قۇرۇلمىسىنى ناھايىتى ياخشى كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، بولۇپمۇ ئۇسلۇب تىلى CSS بىلەن بىرىكتۈرۈپ ئىشلىتىلسە تولىمۇ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

4. ... بەلگىسى

بۇ بەلگە ھۆججەتتىكى ئىچكى ئېلىمىنتلارنى گورۇپپىلايدىغان بەلگە بولۇپ، ئاساسلىق خاسلىقى

بىلەن ئوخشاش.

5. تىزىملىك

تىزىملىك .... بەلگىسى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. تىزىملىك ئىچىدىكى ئەزالار بولسا

ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. مەسىلەن:

First Iteam

second Iteam

بۇ بەلگىنىڭ ئاساسلىق پارامېتىرى type بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك قىممەت ئالىدۇ ۋە نەتىجە كۆرۈلىدۇ( قىممەتنى كوددىن كۆرۈۋېلىڭ!)

Iteam

Iteam

Iteam

6،تەرتىپلىك تىزىملىك
بۇ خىل تىزىملىك تۆۋەندىكى كودتىكىدەك بەلگىلىنىدۇ:

北京

上海

广州

بۈگۈن ئالاھىدە مەشىق يوق! ئۆزىڭىز ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ئۇنىۋېرسال ئىشلتىپ بىر بەت ياساپ بېقىڭ!

Googleنىڭ جېنى-----Page rank تېخنىكىسى

Google قۇرۇلغان قىسقىغىنە بىر قانچە يىل ئىچىدىلا يەرشارىدىكى ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئىزدەش تورىغا ئايلىنالىدى، بۇنىڭ سەۋەبى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ خۇددىي موللاتاپقاقتەك سىز ئىزدىمەكچى بولغان نەرسىنى دەل تاپالىشىدا؛ تىگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ Google ئىشلەتكەن Page Rank تېخنىكىسىنىڭ تۆھپىسى.
Googleدىن بۇرۇنقى ئىزدەش ماتورلىرى ئىزدەش ئېلىپ بارغاندا، ھەر بىر توربەتنى ئايرىم بىر ئوبېيكىت دەپ قاراپ، ھالىقىلىق سۆز بىلەن توربەت مەزمۇنىنى سېلىشتۇرۇپ، ماس كېلىش دەرىجىسىگە قاراپ تۇرۇپ رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقاتتى. بۇنداق بولغاندا تور بەتلەر ئىزدەلگەن سۆز بىلەن ماس كېلىپ قالغان بولغاچقىلا، ھېچقانداق پايدىلىنىش قىممىتى بولمىسىمۇ ئالدىنقى رەتكە چىقىپ قالاتتى. بۇنىڭ بىلە ن ئىزدىگۈچىلەر ئۆزىگە لازىملىق نەرسىنى بىر نەچچە بەت ئۆرىگەندىن كېيىن ئاندىن تاپالايتى. Google نىڭ قۇرغۇچىلىرى لاررىي پېيج(Larry Page)بىلەن سېرگىي بىرىن(Sergey Brin) بۇنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپتى. يەنى ئۇلار تور بەتنى رەتكە تىزغاندا مۇشۇ تور بەتنىڭ باشقا توربەت تەرىپىدن قىلىنغان ئۇلىنىش سانىغا قاراپ تور بەتنىڭ مۇھىملىقىنى بېكىتىپ، تور بەتنى شۇنىڭغا ئاساسەن رەتكە تىزدى. بۇ خۇددىي يۈز ئادەم پالانى راست سۆزلەيدۇ دېگەن ئادەمنىڭ مەن راست سۆزلەيمەن دەپ يۈز قېتىم يېزىۋالغان ئادەمگە قارىغاندا بەكرەك راست سۆزلەيدىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىگە ئوخشايدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە مۇھىمراق بەتلەردە قىلغان ئۇلىنىشنىڭ مۇھىملىقى يۇقىرىراق بولىدۇ، يەنى سىزنىڭ تور بېتىڭىز Google مۇھىم دەپ ھۆكۈم چىقارغان بەتلەردە ئۇلىنىش قىلىنغان بولسا، سىزنىڭ بېتىڭىزنىڭ مۇھىملىقىغا بېرىلگەن نومۇر ئادەتتىكى بىر بەت ئۇلىنىش قىلغاندىكى بېرىلگەن نومۇرغا قارىغاندا كۆپ بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، Google ئىزدەش ماتورى پۈتكۈل يەرشارىدىكى بارلىق تور بەتلەرنى بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتىگە قاراپ تۇرۇپ، ئىزدەش ھاسىلىسىنى رەتكە تىزىپ چىقىدۇ. شۇڭا سىز ئىزدىمەكچى بولغان مەزمۇننىڭ ھامان بىرىنچى ياكى بولمىسا ئىككىنچى قۇردا تۇرغانلىقىنى سۆيۈنچ بىلەن بايقايسىز.

لېكىن Page Rank نىڭ ھېسابلاش جەريانى ئۇنداق ئاددىي ئەمەس، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ تېخنىكىدا 50،000 دىن ئارتۇق ئۆزگەرگۈچى ۋە 20 مىليارد(200،000،000،000) دىن ئارتۇق سۆزلۈكتىن تەشكىل تاپقان تەڭلىمىلەر ئارقىلىق ھېسابلاش ئېلىپ بېرىلىدىكەن!!
Googleنىڭ قۇرغۇچىلىرى - لاررىي پېيج(سولدا)بىلەن سېرگىي بىرىن(ئوڭدا)

Googleدىن ئىزدەشنىڭ جەريانى